مودا ئېقىم سالونى
...ئېلان-ئالاقە:1569912638 ئىچىلىۋاتىدۇ
دېسنىي چۆچەكلىرىدىكى گۈزەل مەلىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا چۆچەكلەردىكى شاھزادىلەر ئانچە «ئاكتىپ» ئەمەس ھەم كۆزگە بەك چېلىقمايدۇ. يېقىندا فىنلاندىيەلىك سەنئەتكار Jirka Väätäinen دېسنىي چۆچەكلىرىدىكى شاھزادىلەرنىڭ رېئاللىقتىكى نۇسخىسىنى سىزىپ چىققان بولۇپ، بۇ شاھزادىلەر قارىماققا ئىنتايىن كېلىشكەن.
تۆۋەندە بىرلىكتە بۇ شاھزادىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
«كىچىك سۇ پەرىسى»دىكى شاھزادە Eric
شاھزادە Eric نىڭ رېئال نۇسخىسىمۇ شۇنداق كېلىشكەن
«كۈل قىز» دىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە
تېرەن كۆزلەر ۋە قاملاشقان چىراي، بۇ نۇسخىسى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىقمۇ قانداق؟
«ئالائىدىن ۋە سېھىرلىك چىراغ»دىكى ئالائىدىن
مۇكەممەل چىراي نۇرغۇن قىزلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ ئەلۋەتتە ...
«ساھىبجامال ۋە غەلىتە مەخلۇق»تىكى شاھزادە Adam
رېئال نۇسخىدىكى شاھزادىنىڭ سەنئەت پۇرىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ئوخشاشلا شۇنداق قاملاشقان.
«تارزان»دىكى ئورمان شاھزادىسى تارزان
قاۋۇل بەدەن ۋە تەبىئىي كۆزلەر رېئال تارزاننى تېخىمۇ قامەتلىك كۆرسىتىدۇ.
«ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» دىكى شاھزادە فىلىپ
بۈدۈرە سېرىق چاچ فىلىپ شاھزادىنىڭ ئەڭ يارقىن تەرىپى بولسا كېرەك
«Pocahontas»تىكى Smith شاھزادە
Smith شاھزادىنىڭ ياۋايى كۆرۈنىدىغان چىرايى ۋە مۇلايىم كۆزلىرى ناھايىتى جەلپ قىلارلىق
«Hercules: The Legend Begins» Heracles شاھزادە
قاۋۇل ۋە قاملاشقان شاھزادە ھېراكلېس كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ مەنبە:نۇر تورى